منتدى القفطان المغربي
ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Empty
مُساهمةموضوع: ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت   ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 8:58 am

ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت



50537 نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بىر قىزنىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى. ئۇ -يەنە بىر ئەر دوستى-توي قىلىپ بولغان بىرىگە ئۆزى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇھەببەتلەشتى، ئۇ ئەردىن قانداق قىلىپمۇ ئۆزىنى تارتالمىدى. ئۇ ئەر ئۇنىڭغا ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۇنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى، لېكىن ئانىسى ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمىدى. ھازىر ئۇلار سىرتلارغا بىللە چىقىۋاتىدۇ. بۇ دىنىمىزدا توغرىمۇ؟

جاۋاب:

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى:

سىز تەۋبە قىلىشىڭىز، ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىنى تىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزگە مەھرەم بولالمايدىغان ئەرلەر بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىڭىز، سۆزلەشكەنلىكىڭىز ۋە سىرتلارغا بىللە چىققانلىقىڭىزدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىشىڭىز كېرەك.

سىز بۇ ئىككىنچى ئەر بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئۈزۈپ تاشلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار ھارامدۇر.

سىزنىڭ ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشنى قانداق كۆڭلىڭىز كۆتەردى؟ ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ سىزنى قويۇۋېتىپ، سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرىپ ئائىلەڭلارنى بۇزماقچى بولغان باشقا بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشىنى قوبۇل قىلالامتىڭىز؟

ئىككىنچى:

بىز ئەقىللىق بىر ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئىلگىرى باشقا بىر ئەر بىلەن ھارام مۇناسىۋەتتە بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلمىشىدىغان تەۋبە قىلمايدىغان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ھېچ ئەقلىمىزگە سىغدۇرالمىدۇق.

ئەجەبا ئۇنىڭدا غۇرۇر ۋە كۈندەشلىك يوقمۇ؟ ئۇ ئەرنىڭ ئۆز ھاياتىدا قايتا پەيدا بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەمدۇ؟

مۇنداقچە ئېيتقانداق، ئۇ ئايال يا تەۋبە قىلدى، يا تەۋبە قىلمىدى. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئەمدى باشقا ئەر بىلەن نىكاھ سىرتىدا مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئۇ ئايالنى ئېلىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. لېكىن ئۇ ئانىسىنىڭ سۆزىگە بويسۇنۇشى، بىرىنچى ئايالىنى قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىغان بولسا ئۇنى ئەمدى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەرلەر بىلەنمۇ ھارام مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى سىزگە كەلسەك، سىزنىڭ قانداقمۇ نىكاھنىڭ سىرتىدا باشقا ئاياللار بىلەن ھارام مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان، كۆرۈشۈپ يۈرىدىغان ئەر بىلەن توي قىلغۇڭىز كېلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا، سىلەر ئەمدى يۈز كۆرۈشمەيسىلەر. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنىڭدەك ئەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەتلا سىز بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ راستىنلا سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى باشقا ئاياللار بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋەت باغلاشتىن توسۇپ قالالايدىغان ھېچنېمە يوق.

شۇ سەۋەبتىن ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزىشىڭىز، ئاللاھتىن ۋاقتىڭىزنى ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىڭىز كېرەك. ئاللاھقا يۈزلىنىڭ، ئاللاھتىن قەلبىڭىزنى پاكلاشنى، دىلىڭىزنى ۋە ئەقلىڭىزنى چىرىكلەشتۈرگەن ئاشۇ ھارام مۇناسىۋەت قەلبىڭىزدە قالدۇرغان ئىزلارنى پاك-پاكىز تازىلىۋېتىشنى تىلەڭ.

ئەگەر ئاللاھقا چىن قەلبىڭىزدىن تەۋبە قىلسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى نېسىپ قىلىشى، سىزگە شەرىئەت ھۆكۈملىرى بويىچە ئادىل مۇئامىلە قىلالايدىغان، رەببىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدىغان غۇرۇرلۇق ۋە دۇرۇس بىر ئادەم بىلەن توي قىلىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئېتىقادلىق بىر ئائىلە قۇرۇپ، سالىھ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشالىشىڭلار ئۈمىدلىكتۇر.

قەلبىڭىزنىڭ خاھىشىغا قۇلاق سالماڭ. قەلبىڭىزسىزنى بىر قېتىم دۇنيا ھەۋەسلىرىگە باشلاپ قويدى. ئەمدى خاھىشىڭىزنىڭ سىزنى دوزاخقا يېتەكلەپ مېڭىشىغا يول قويماڭ.

ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىڭ. ئاللاھ ئۆزىگە دۇئا قىلغان ھېچ بەندىسىنى نائۈمىد قويمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھتىن سورىغان ئادەم ھەرگىز خارلانمايدۇ. سىزنى رەببىڭىز تەرەپكە باشلىيالايدىغان سالىھە ئايال دوستلارنى ئىزدەڭ ۋە كۆڭلىڭىزدىكى ئېيتىڭ شۇلار ئارقىلىق غەم-قايغۇ، شەيتانىي ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلۇشقا تېرىشىڭ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Empty
مُساهمةموضوع: رد: ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت   ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 11:54 am

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Empty
مُساهمةموضوع: رد: ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت   ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 1:05 pm

بارك الله فيك لمرورك العطر
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەت
» ئىسلامدا تەقۋادارلىق توغرىسىدا
» ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى
» ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار توغرىسىدا
» ئىسلامدا پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: