moon_light3 نائبة المديرة
sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
الجنس : عدد المساهمات : 31908 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : القفطان المغربي العمل/الترفيه : طالبه المزاج : هادئه جدا
| موضوع: ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا الجمعة سبتمبر 21, 2012 9:20 am | |
| ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا
2377-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مەن يېقىندا بىر يىگىت بىلەن تونىشىپ قالدىم، ئۇ كىشى ماڭا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مەن بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈردى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلۇقنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۈچۈن "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" نى مەندىن تەلەپ قىلدى، مەن بۇ تۈردىكى نىكاھلىنىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدەندىم.
مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ھەمدە توي قىلىش رىغىبىتىممۇ بار، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە قارايدىغان بولسىڭىز بىز ئىككىمىز خۇددى ھەقىقى توي قىلغانلاردەكلا كۆرىنەتتۇق، مەن ھەم شۇنداق ھېس قىلاتتىم. لېكىن مېنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىم يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارچە ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
ئىسلام شەرىئىتىدە "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" دەيدىغان نىكاھ يوقتۇر. قانداق بىر مۇسۇلمان كىشى، بۇ خىلدىكى ئاتالمىش نىكاھ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسا، نىكاھى باتىل بولۇپ ئۇ كىشىگە شەرىئىتىمىزدە زىناخۇرغا بەلگىلەنگەن جازا بېرىلىدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا "ۋاقىتلىق نىكاھ" بىلەن نىكاھلانغان كىشى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىنسە ئۇنىڭغا دەررە ئۇرغان بولاتتىم» .
لېكىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بەزى ئېزىپ كەتكۈچى ئىنسانلار تا ھازىرغىچە نىكاھ مۇتئە (يەنى ھۇزۇرلىنىش نىكاھى) يەنى ئۇ بولسا "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" نىڭ بىر تۈرى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىچە دۇرۇس دەپ قارىشىدۇ. ئەكسىچە بۇ خىلدىكى نىكاھ ئىسلام شەرىئىتى نىكاھ قانۇنىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قىلىنغان (يەنى بىكار قىلىنغان).
ئۇ تۇردىكى ئىنسانلار خاتا پىكىردىكى كىشىلەر بولۇپ، سىزنىڭ ھەق يولدا مېڭىشىڭىزغا ھېسسىياتىڭىز توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھىلى-مىكىرلىرىدىن يىراق بولىشىڭىز كېرەك.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر .
| |
|
روعة المنتدى نائبة المديرة
sms : الجنس : عدد المساهمات : 35966 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : بين من اختارهم قلبي العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه المزاج : هادئة جدا.
| موضوع: رد: ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا السبت سبتمبر 22, 2012 1:12 am | |
| [وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة] | |
|
moon_light3 نائبة المديرة
sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
الجنس : عدد المساهمات : 31908 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : القفطان المغربي العمل/الترفيه : طالبه المزاج : هادئه جدا
| موضوع: رد: ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا السبت سبتمبر 22, 2012 3:17 am | |
| شكرا رووووووووووووووووعه لتعطيرك صفحاتي | |
|