منتدى القفطان المغربي
قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Empty
مُساهمةموضوع: قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى    قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 9:03 am

قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى



21608-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئوغۇللار قىز ساۋاقدىشى كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى تەڭلىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، يەنى كۆرۈشەمدۇ ياكى كۆرۈشمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ مەسىلىگە كەلسەك؛ ئەسلىدە قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر ئورۇندا ياكى بىر مەكتەپتە ياكى بىر سىنىپتا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىشى شەرىئىتىمىزدە توغرا دەپ قارالمايدۇ. (چۈنكى قىز-يىگىتلەرنىڭ ياكى ئەر-ئاياللارنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئارىلىشىپ ئوقۇشى ياكى خىزمەت قىلىشى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىنىمىز قىز-خانىملارنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشىغا ھېچقاچان قارشى ئەمەس، بەلكى قىز-خانىملارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى قوغدىغانلىقىدىن ئۇلارنى ئەركەكلەرنىڭ يامان نىيەت ياكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا تەلىم-تەربىيە ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئايرىم شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قىز-يىگىت ياكى ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ بىلىم ئىلىش ياكى خىزمەت قىلىش تۈپەيلى جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق، كىشىلىك تۇرمۇشتا نورمالسىزلىق ۋە ئائىلىدە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى، نەتىجىدە مىللەتنى زالالەت ۋە ئازغۇنلۇققا ئىلىپ بارىدىغان ئامىللار بارلىققا كېلىدۇ).

سىز سورىغان سوئالغا كەلسەك؛ ساۋاقدىشى ياكى خىزمەتدىشى بولسىمۇ بىر مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆزىگە يات بولغان قىز-خانىملار بىلەن گەرچە ئۇ كۆرۈشكىلى قولىنى تەڭلىگەن ھالەتتىمۇ قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللاردىن بەيئەت ئالىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارغا: «مەن ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتۇپ بەيئەت ئالمايمەن» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېچقانداق يات ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىدى، ئاياللاردىن ئاغزاكى بەيئەت ئالاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە-اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر». [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

ئاياللارنىڭ مەھرەم بولمىغان يات كىشىلەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشى ھەر ئىككى تەرەپنى پىتنىگە سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە دىنىمىزدا چەكلىگەن ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى لازىم بولىدۇ.

سالاملىشىش ۋە ئەھۋال سورىشىشقا كەلسەك؛ شەرئى بەلگىلىمە بويۇنچە، پىتنىدىن خالى، يالغۇز ئايرىم تۇرماستىن، ھىجاب بىلەن، نورمال سۆزلەر بىلەن بولسا بولىدۇ(يەنى ئەركىشىنىڭ كۆڭلىگە گۇمان پەيدا قىلىپ قويىدىغان غىلجىڭ سۆزلەر بولماستىن). بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار». [سۈرە ئەھزاب 32-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ ئاياللار رەسۇلۇللاھقا سالام بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىدىن چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى سورايتتى.

قىز-خانىملار ئۆزىگە مەھرەم بولالايدىغان ئەركەكلەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشسە بولىدۇ. مەسىلەن: دادىسى، ئاكا-ئىنىلىرى، تاغلىرىغا ئوخشاش تۇغقانلىرى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشسە بولىدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Empty
مُساهمةموضوع: رد: قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى    قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Emptyالسبت سبتمبر 22, 2012 1:00 am

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Empty
مُساهمةموضوع: رد: قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى    قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى  Emptyالسبت سبتمبر 22, 2012 3:18 am

شكرا رووووووووووووووووعه لتعطيرك صفحاتي
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» تورەلمىنىڭ جىنسىنى بىلىشنىڭ ھۆكمى
»  ئەر-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى
» ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى
» كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى
» قىز-خانىملارنىڭ ھەيزدار ۋاقتىدا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: