moon_light3 نائبة المديرة
sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
الجنس : عدد المساهمات : 31908 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : القفطان المغربي العمل/الترفيه : طالبه المزاج : هادئه جدا
| موضوع: ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى الجمعة سبتمبر 21, 2012 9:18 am | |
|
ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى
نومۇرلۇق سوئال11422
سوئال:
بەزى مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرى قىز تۇغۇلسا دەرتلىنىدۇ، ھەتتا ئەگەر ئايالى قىز تۇغسا تالاق قىلىش بىلەن تەھدىد قىلغانلارمۇ بار. بۇ ھەقتە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلار؟.
جاۋاب:
ئاللاھ قىز پەرزەنت بەرسە ئۇنىڭغا رازى بولماسلىق جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە مۇنداقلار قاتتىق سۆكۈلگەن. بەزى دوختۇرخانىلاردا ئاياللىرى قىز تۇغقانلارنىڭ ھالىغا قارىسىڭىز ئۇلاردا ئەينەن جاھىلىيەتنىڭ تەسىرىنى ۋە جاھىلىيەت قالدۇقلىرىنى كۆرىسىز. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش. ئاللاھ مۇنداقلارنى سۆكۈپ « ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ. يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى اللەغا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!»(نەھل يۈرىسى 58-59- ئايەتلەر).
بەزى دوختۇرخانىلاردا بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى رەسىمگە ئېلىش ئارقىلىق بىلگەن ئەرلەرنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. بالا ئوغۇل بولسا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى خوشاللىقتىن كۈلىدۇ. ئەگەر قىز بولسا چىرايلىرى تۈرۈلۈپ بىگۇناھ ئايالىغا ئازار قىلىدۇ. بۇ ئەينەن جاھىلىيەت ئەخلاقى ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدا ئايالنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ بۇنداق نارازىلىقنىڭ خەتەرلىرى چوڭدۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1 . مۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق.
2 . مۇنداق قىلىش ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئورنىغا نا شۈكۈرلۈك قىلغانلىق. مۇنداقلار ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولغۇچىلاردۇر.
3 . مۇنداق قىلىش ئايالىنى خورلىغانلىق، شەنىنى چۈشۈرگەنلىك ۋە ئۇنىڭدىن قولىدىن كەلمەيدىغان ئشنى تەلەب قىلغانلىق.
4 . مۇنداق قىلىش ئەبگالىق ۋە ئەخمەقلىق ۋە ئەقىلسىزلىق.
5 . مۇنداق قىلىش جاھىلىيەت ئەخلاقىنى داۋام قىلدۇرغانلىق.
مۇسۇلمان ئادەم مۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئۆزىنى مۇنداق ھالاكەتتىن قۇتقۇزىشى لازىم. ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا رازى بولۇش پەرزدۇر. رازىمەنلىك مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى.
قىزلارنىڭ ئارتۇقلىقى ھەممىگە مەلۇم مەسىلە. ئۇلار ئانىلىرىمىز، ئۇلار قىزلىرىمىز، ئۇلار ھەدە - سىڭىللىرىمىز، ئۇلار ئاياللىرىمىز، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ يېرىمى. جەمئىيەتنىڭ يېرىمى بولغان ئەرلەرنىمۇ شۇلار تۇغىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەممىسىدۇر.( ئىبنى قەييىمنىڭ « يېڭى تۇغۇلغان بالا توغرۇلۇق ئەھكاملار»ناملىق ئەسىرى 16- بەت).
قىزلارنىڭ ئارتۇقلىقىنى ئاللاھ بايان قىلىپ، ئۇلارنى ئوغۇللارنىڭ بايانىغا ئىلگىرى قىلغان:« اللە نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ»(شۇرا سۈرىسى49- ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قىزلارنى ئارتۇق سانىغان ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان.ئۇ مۇنداق دېگەن:« كىمكى مۇشۇ قىزلارنىڭ خاپىلىقنى تارتىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۇلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇزاختىن قالقان بولىدۇ». (مۇسلىم).
| |
|
روعة المنتدى نائبة المديرة
sms : الجنس : عدد المساهمات : 35966 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : بين من اختارهم قلبي العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه المزاج : هادئة جدا.
| موضوع: رد: ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى السبت سبتمبر 22, 2012 12:52 am | |
| [وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة] | |
|
moon_light3 نائبة المديرة
sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
الجنس : عدد المساهمات : 31908 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : القفطان المغربي العمل/الترفيه : طالبه المزاج : هادئه جدا
| موضوع: رد: ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى السبت سبتمبر 22, 2012 2:49 am | |
| شكرا رووووووووووووووووعه لتعطيرك صفحاتي | |
|