منتدى القفطان المغربي
قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى
الأربعاء ديسمبر 31, 1969
 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Empty
مُساهمةموضوع: قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى   قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 3:30 pm

قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى





78329- نومۇرلۇق سۇئال

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

قىيامەتنىڭ
بەلگىسى ۋە ئالامەتلىرى بولسا قىيامەت كېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان ۋە يۈز
بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ،ئۇلار چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلەر دەپ
بۆلۈنىدۇ.كىچىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى قىيامەت يېقىنلاپ كېلىشتىن خېلى
بۇرۇن يۈز بېرىشى مۇمكىن،بەزىلىرى ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى،بەزىلىرى يۈز
بېرىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ---تەكرارلىنىشىمۇ مۇمكىن.بەزىلىرى تېخى يۈز
بەرمىدى.لېكىن بىز راستچىل پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ
خەۋەرلىرىگە ئاساسەن بۇلارنى يۈز بېرىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.


چوڭ
ئالامەتلەر بولسا ناھايىتى روشەن ئالامەتلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ يۈز بېرىشى
قىيامەتنىڭ يېقىنلا ۋاقىتىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.


قىيامەتنىڭ
كىچىك ئالامەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەردە
كۆرسىتىپ بېرىلگەن.تۆۋەندە ھەدىسلەرنى مىسال قىلماي ئالامەتلەرنىلا
كەلتۈرىمىز.بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارغا ئىشەنچلىك كىتابلارنى تەۋسىيە
قىلىمىز.بۇ كىتابلاردىن ئەل-قىيامە ئەل-سۇغرا --كىچىك قىيامەت،ئاپتورى شەيخ
ئۆمەر سۇلايمان ئەل-ئەسقەر،
ئەشرات ئەل-سائەھ،ئاپتورى يۇسۇف ئەل ۋابىل قاتارلىقلار بار.


قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئەۋەتىلىشى.

2 - رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئۆلۈمى.

3 - بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى.

4 - پەلەستىندە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى.

5 - بايلىقنىڭ كەڭ تارقىلىشى،سەدىقىگە ئېھتىياج قالماسلىقى.

6 - فىتنىنىڭ تارقىلىشى.ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى فىتنىلەر ھەم بۇنىڭ مىسالىدىندۇر، مەسىلەن : ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى،تۆگە ئۇرۇشى ۋە سەففەين جېڭى،خاۋارىجلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى،ئەل-ھۇررەھ ئۇرۇشى، قۇرئان مەخلۇق دېگەن قاراشنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار.

7 - پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى.كەززاپ مۇسەيلىمە ۋە ئەسۋەد ئەنەسىگە ئوخشاش.

8 -
ھىجرىيەنىڭ 7-ئەسىرىدە(ھىجرەتنىڭ 654-يىلى) ھىزاجدا كۆرۈلگەن چوڭ ئوت.ئۇ
ناھايىتىمۇ چوڭ ئوت ئاپىتى بولغان ئىدى.ئالىملاردىن شۇ دەۋردە ياشىغانلار
بۇ ئوتنى ئۆز كىتابلىرىدا تەپسىلى تەسۋىرلىگەن.
ئىمام
نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ:بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا مەدىنىدە زور ئوت ئاپىتى
كۆرۈلدى،بۇ مەدىنىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە يۈز بەرگەن ئىش ئىدى،بۇ توغرىدىكى
خەۋەرلەر ھەتتا سۈرىيە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغىچە تارقاپ كەتتى،نەق
مەيداندا كۆرگەن كىشىلەر ماڭا بۇ ئوت توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.


9 - ئىشەنچنىڭ كۆتۈرۈلۈشى.كىشىلەر ئارا ئىشەنچنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە ئىشنىڭ ئۆز ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇلۇشى.

10 - بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى.بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئالىملارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن بولىدۇ.

11 - زىناخۇرلۇقنىڭ ئەۋىجگە چېقىشى.

12 - جازانىنىڭ ئومۇملىشى.

13 - مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى.

14 - ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى.

15 - پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سېلىشتا بەسلىشىشى.

16 -
قۇل ئايالنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغىشى.بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى
ھەرخىل.ئىبنى ھەجەرنىڭ قارىشىچە،بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا
ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى،ئۇلارغا قۇلدەك مۇئامىلە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.


17 - قاتىللىقنىڭ كۆپىيىشى.

18 - يەرنىڭ كۆپ تەۋرىشى.

19 - زىمىننىڭ يېرىلىشى، ئىنسانلاردا قورقۇنۇچلۇق شەكىل بىلەن يارىتىلغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى. تۆھمەتخورلۇقنىڭ بارلىققا كىلىشى.

20 - ئاياللار دىن يىرىم يالىڭاچ يۇرىيدىغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى.

21 - مۇئمىننىڭ چۈشىنىڭ راس بولۇشى.

22 - يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى،راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلۇشى.

23 - ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى.

24 - ئەرەب زېمىنىنىڭ قايتىدىن باغۇ-بوستانلىقلارغا ئايلىنىشى.

25 - فۇرات دەرياسىدىكى بىر ئالتۇن تاغنىڭ تېپىلىشى.

26 - ياۋايى ھايۋانلار ۋە جانسىز مەخلۇقلارنىڭ گەپ قىلىشى.

27 - رۇملۇقلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىشى.

28 - كونىستانتىنوپولنىڭ ( قۇستانتىنىيە) پەتھى قىلىنىشى.

قىيامەت
توغرىسىدىكى چوڭ خەۋەرلەر بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيدنىڭ ھەدىسىدە رىۋايەت قىلىنغان 10 ئىشتۇر:دەججال.ئىيسا
ئىبنى مەريەمنىڭ چۈشىشى،
يەئجۈج-مەئجۈج، ئۈچ قېتىملىق زىمىننىڭ يېرىلىشى: --بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە، يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا، تۈتۈن، قۇياشنىڭ كۈن پىتىش تەرەپتىن چىقىشى، غەلىتە مەخلۇق، ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۇرۇپ بارىدىغان كۈچلۈك ئوت قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلىشى، بۇ ئالامەتلەردىن بىرى كۆرۈلسە يەنە بىرى ئۇلىشىپلا كېلىدۇ.


مۇسلىم ھۇزەيفە ئەل غەفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمىزغا كەلدى، ئاندىن بىزدىن سورىدى:"نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر؟"بىز :"قىيامەت توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىمىز"دەپ جاۋاب بەردۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:"ئون ئىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ قىيامەت كۆرۈلمەيدۇ"دېدى، ئاندىن، تۈتۈن، دەججال، غەلىتە مەخلۇق، قۇياشنىڭ كۈن پىتىش تەرەپتىن چىقىشى ،ئىيسا ئىبنى مەريەم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ چۈشىشى ، يەئجۈج-مەئجۈج ،بىرى شەرقتە،بىرى غەربتە ۋە يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىداكۆرۈلىدىغان ئۈچ قېتىملىق يەر يېمىرىلىش ئاپىتى، ھەمدە ئاخىرقىسى يەمەندىن باشلىنىپ كىشىلەرنى مەھشەرگە سۇرىدىغان چوڭ ئوت » قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.

بۇ
ئالامەتلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا بىرەرمۇ سەھىھ ھەدىس
يوق،بەلكى بەزى تەرتىپلەرنى يۇقىرىقى ھەدىستىن چۈشىنىش مۇمكىن.


شەيخ
مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)باشقىلار
قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا
سورىغاندا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:


بەزى
ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپى روشەن.لېكىن بەزىلىرىنىڭ تەرتىپىنى
بىلمەيمىز.تەرتىپىنى بىلگەنلىرىمىز بولسا دەججال،ئىيسا ئىبنى مەريەم
ئەلەيھىسسالام ۋە يەئجۈج-مەئجۈج توغرىسىدىكى بايانلاردۇر،يەنى دەججال
ئەۋەتىلىدۇ،ئاندىن ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى
ئۆلتۈرىدۇ،ئاندىن يەئجۈج-مەئجۈجلەر چىقىدۇ.


ئەل سەفرانى ئۆزىنىڭ ئەقىدە كىتابىدا بۇ ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، لېكىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەلىلگە ئۇيغۇن بەزىلىرى ئۇيغۇن ئەمەس. بىز ئۈچۈن بۇ يەردە رەت تەرتىبى مۇھىم ئەمەس، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ
ئالامەتلەرنىڭ قايسىبىرى كۆرۈلىدىكەن، قىيامەت يېقىنلا يەردىدۇر.ئاللاھنىڭ
بىزگە بۇ ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىشى قىيامەتنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭ ئىش
ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ توغرىسىدا خەۋەرلەرگە ئېھتىياجلىق
ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر.




مەجمۇئەل-فەتىۋا 2-توم،سوئال نومۇرى 137
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Empty
مُساهمةموضوع: رد: قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى   قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Emptyالسبت سبتمبر 22, 2012 1:15 am

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Empty
مُساهمةموضوع: رد: قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى   قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى Emptyالسبت سبتمبر 22, 2012 3:15 am

شكرا رووووووووووووووووعه لتعطيرك صفحاتي
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: