منتدى القفطان المغربي
روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Empty
مُساهمةموضوع: روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار   روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Emptyالخميس سبتمبر 20, 2012 1:14 pm

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار



1- بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

2- رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.

3- نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.

4- نەپلى روزا ئۈچۈن شۇ كۈننىڭ پېشىن ۋاقتىگىچىلىك نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر.

5- ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ، ھەتتا بىرەر دانە نۇقۇت ياكى بىرتامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.

6- روزا تۇتقىنى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ، ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

7- روزا تۇتقان كىشىنىڭ گېلىغا چىۋىن ياكى چاڭ- توزان كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

8- ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

9- ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم كېلىدۇ.

10- ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزلىرىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا روزا تۇتمايدۇ ۋە كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

11- رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسۇل قىلىش پەرز بولىدۇ. شۇھامان غۇسۇل قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

12- روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.

13- شەك كۈنىدە (يەنى كىشىلەر شەبانغا تەۋەمۇ ياكى رامىزانغىمۇ دەپ شەك قىلىپ قالىدىغان كۈن- شەباننىڭ 30- كۈنىدە) روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

14- دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھ سانالمايدۇ.

15- رامىزان كۈندۈزىدە ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

16- رامىزان كۈندۈزىدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

17- رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە تۆت مەزھەبنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە بۇنداق كىشىگە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

18- كاپارەت- بىر قۇل ئازات قىلىش، ئەگەر تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئاتمىش مىسكىنگە بىرۋاخ تاماق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

19- رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ھەنەپىي مەزھىبى بويىچە قازا بىلەن كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

20- ھەيز ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ئاياللار كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بىراق ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.

21- ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ.

22- رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

23- سۇھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا ھامان يېيشنى توختىتىپ نىيەت قىلىش كېرەك. تۇتقان روزا دۇرۇستۇر.

24- جىنابەتتىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرتتۇر. ئەمما جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستۇر.

25- مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەمما تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.

26- روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنىڭ90 كىلومېتىردىن كۆپ بولۇشى شەرتتۇر.

27- روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يېنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر.

28- زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان سەپەرلەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر.

29- رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئەگەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغان بولسا، ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىختىيارى بولماستىن مەجبۇرى قىلغان بولسا، ئەر كىشىگىلا كاپارەت لازىم كېلىدۇ.

30- رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشتا ئارقا - ئارقىدىن ئۈزمەي تۇتۇش شەرت ئەمەس. بەلكى پارچە- پارچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.

31- كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت روزىسى قازا روزا ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ.

32- نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما باشقا ئۈچ مەزھەبكە كۆرە، بۇ روزا ئىختىيارى روزا بولغانلىقتىن قازا لازىم كەلمەيدۇ.

33- روزا ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تۆتىنجى كۈنىگىچىلىك روزا تۇتۇش ھارامدۇر.

34- يالغۇز جۈمە كۈنىدە ۋە يالغۇز شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

35- ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.

36- روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۈيۈشى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىشى مەكرۇھتۇر.

37- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئۆز تۈكرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

38- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدىنىگە ئۇكۇل سالدۇرۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

39- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە ئېغىزىغا، بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭدەك ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قويۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

40- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزىدە قايسى بىر سەۋەب بىلەن يۇيۇنۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Empty
مُساهمةموضوع: رد: روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار   روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 1:13 am

بارك الله فيك احسنتي الاختيار دمتي بارعه
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Empty
مُساهمةموضوع: رد: روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار   روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 2:47 am

بارك الله فيك رووووووووووووووووعه الغاليه على تعطيرك الجمييييييل لصفحاتي
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Empty
مُساهمةموضوع: رد: روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار   روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 3:06 am

بارك الله فيك رووووووووووووووووعه الغاليه على تعطيرك الجمييييييل لصفحاتي
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە
» قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى
» روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە
» روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تىببىيدىن 20 نەسىھەت ...
» ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىرلار قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: