منتدى القفطان المغربي
ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت Empty
مُساهمةموضوع: ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت   ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 8:16 am

ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت

(ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە دىنىي مەزمۇن ۋە دىنىي زىيالىيلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز)



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ۋەز - نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىقتۇر». [ سۈرە زارىيات 55-ئايەت ].

بىز، بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخى ۋەقەلەرگە ئېتىبار بېرىشىمىز، تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن كەلگۈسى ئۈچۈن ئىبرەت ئېلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر . تارىخنى ئوقۇپ ئۈگۈنۈشتە پەقەتلا ۋەقەلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇپۇق يارىتىشىمىز لازىم. تارىخنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق كېلەچەك چىرتىيۇژىمىزنى مەلۇم مىقداردا سىزىپ چىقالىشىمىز، ئۇنى ھاياتىمىزدا رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش نىشانى قىلىش ئارقىلىق ئەجدادلار ئىزلىرىدىن ماڭالىشىمىز مۇمكىن. بىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئېزىلگەن مىللەتكە تەسەللى بولىدىغان، زۇلۇمدىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلۇش، ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قانداق قىلغاندا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلارنى قايسى يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاپ تېپىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىز تارىخلىرىنى ياخشىلاپ بىلىشىمىز ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ھاياتىمىزدا ئەمەلىيلەشتۇرۇشىمىز بىزگە روھانى ئوزۇق بولۇش بىلەن بىرگە دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللى كىملىكىمىزنى ساقلاپ قىلىشىمىزدا تۈرتكىلىك رول ئوينىسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشىمىز مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىشىمىزدا ئالاھىدە دەۋرلىك رول ئوينايدۇ.

بەزى مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان دىنى ئەسەرلەرگە يېزىلغان مەسخىرە ئارىلاش ئىنكاسلار ھەقىقەتەن دىنىي ۋە مىللى غۇرۇرى بار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. بۇنىڭدىكى نېگىزلىك سەۋەب مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىندۇر. ئۇلار دىنى ئەسەرلەرگە قارىغۇلارچە ئىنكاسلارنى يازماستىن ياكى ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارىماستىن ئويلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنى مۇنبەر ساھىبلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ-ئەلۋەتتە.

مىللى مەسئۇلىيەتنى تونۇپ، مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇر تورچىلىق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇنبەر ساھىبلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى مەسئۇلىيىتى ئۇنتۇماستىن، دىنى ئەسەرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىش ياكى بالا سەھىپە ئاجرىتىش ئارقىلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئىسلامىي ئەسەرلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى مەلۇم مىقداردا قاندۇرۇشى لازىم. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئۇسسۇلچى ۋە ناخشىچى بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك . ئۇرۇمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرى بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دىن سۆيەر ۋە مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان ئىجادى ۋە تەرجىمە دىنى ئەسەرلەرگە كەڭ ئورۇن بېرىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار مىللەتنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماستىن، دىنى تەشۋىقاتقا مەلۇم دەرىجىدە سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنى ئۈچۈن - ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن-قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆرگۈسى. مەزكۇر تور بېكەتلەر سىياسى بۇھرانلارنىڭ قۇربانى بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋە باشقا ئىسلامىي تور بېكەتلىرىنىڭ مىللەتكە يەتكۈزگەن خىزمىتى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ ۋە مىللەت ئۇنى ئۇنتۇمايدۇ . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تور بېكەت ساھىبلىرىغا رەھمىتىم ۋە ئالى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا تور خىزمەتلىرى تەدرىجى يولغا قويۇلۇۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ۋەتەن ئىچىدە ئېچىلىۋاتقان مۇنبەرلەردە دىنى ئەسەرلەرنى تەستىقلىماسلىقتەك ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟، تور ساھىبلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلاردىكى ئىمانى بۇرچ ۋە مىللى كىملىك چۈشەنچىسى نەگە كەتتى!؟ كىنو-تىياتىرخانا، تېلېۋىزور قاناللىرىدا مىللەتنى بىخۇدلاشتۇرىدىغان پروگراممىلار ئاز كېلىۋاتقاندەك، ئادەم كۆرۈشكە ئۇيۇلىدىغان ئېلان پروگراممىلىرى، ھەرخىل تىلدىكى فىلىم ۋە ناخشا-ئۇسسۇل پىلاستىنكىلىرىغا كەڭ ئورۇن بېرىلدى ۋە بېرىلىۋاتىدۇ . بۇ بىزدىكى تور تەرەققىياتىمۇ؟ تور خىزمىتىدىن پايدىلىنىش سەۋىيىمىز بۇمۇ؟!. ھالا بىز ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئالمايۋاتىمىز ۋە ھۇشۇمىزنى تاپالمايۋاتىمىز. مىللەتنىڭ ئاز-تولا دىنى بىلىم ئىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەلمىگەن ياكى جۈرئەت قىلالمىغان تور بېكەت ساھىبلىرى ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئاز-تولا ساۋابلىق ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى. مۇنبەرلىرىنىڭ تاقىلىپ قىلىشىغا ئىسلامىي ئەسەرلەر سەۋەبچى دەيدىغان خاتا ئۇقۇمدىكى بىچارە قېرىنداشلار كاللىسىنى سىلكىشى ۋە ئەقلىگە كېلىشى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز مۇسۇلمانسىز! سىز ئۇيغۇرسىز! سىز ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوغلانىسىز!.

مىللەتنىڭ ئىسلامىي ئىلىمگە بولغان ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئىسلام تور بېكەتلىرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئوبىكتىسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ توسۇۋىتىلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تور يۈزىدە دىنى بىلىم ئېلىشتەك ئەقەللى ھوقۇقىمۇ يوق قىلىپ تاشلاندى. مانا بۇنىڭدەك مۇھىم بىر ۋەزىيەتتە قەلبىدە ئازراق ئىمانى بار مىللەت سۆيەر قېرىنداشلار يەنىلا ئىككىلەنمەستىن بۇ مەسئۇلىيەتنى (يەنى دىنى تەشۋىقاتنى) ئۇستىگە ئىلىشى كېرەك ۋە دىنى زىيالىلارغا دىنى تەشۋىقات شارائىتلىرىنى يارىتىپ بېرىشى لازىم.

مىللىتىمىز تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن بولغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇنىڭ جانلىق مىسالى؛ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان تۈنجى پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى ۋە ساغلام تاللىشى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مىللەتنىڭ بۈگۈنگە قەدەر مىللەت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. ئۆتكەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ مىللەتنى بۆلىدىغان ياكى قايمۇقتۇرىدىغان، مىللەتنىڭ روھانىيىتىنى زەخمىلەندۇرىدىغان سۆزلەرنى ئىنكاس يازدىم دەپ يىزىۋېرىش، بىر ئەقىل ئىگىسى ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل يەنى بارلىق سۆز ۋە قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ». [سۈرە ئىسرا 36-ئايەت].

سۆزلەش ۋە يېزىشقا ئوخشاش بۇ نېمەتلەرنى ئاللاھ رازى بولىدىغان يوللارغا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر.» [سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت].

مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن قورقۇشىنى ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ ھاياتتا ساغلام يول تاللىشىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىشى، ئاتا-ئانىسى ۋە چوڭ دادا-چوڭ ئانىسىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يەرگە ئۇرماستىن سوغاق قانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بەزىلەر ئىسلامىي ئەسەرلەرنى كۆرۈپ قالسا خۇددى قورقۇنۇچلۇق بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالغاندەك بەدەنلىرىگە تىكەن سانجىلىپ كېتىدۇ-دە، خۇدىنى بىلمىگەن ھالدا ئىنكاس يازدىم دەپ نېمىلەرنى دەپ تاشلايدۇ. گاھىدا بۇنداقلارنىڭ مىللى كىملىكىدىنمۇ شەكلەنمەي تۇرالمايسىز.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەقنى ئاڭلاشتىن باش تارتىپ قۇلاقلىرىغا قوللىرىنى تىقىۋالغانغا ئوخشاش مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەزكۇر كىشىلەر دىنى ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقسا ھەقىقەتكە يېتەكلىنىپ قىلىشىدىن ياكى ئۇستىگە ھۆججەت بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاغزىغا كەلگەننى چالۋاقاشقا باشلايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « نۇھ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم. مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى. مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى.» [سۈرە نۇھ 5-6-7-ئايەتلەر].

قېرىندىشىم! ئەگەر ئىسلامىي ئەسەرلەرنى ياقتۇرمىسىڭىز ھېچ بولمىسا ئىنكاس يازماستىن سۈكۈت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالسىڭىز نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىغا، قىيامەت كۈنىنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۈرىدىكەن، ياخشى سۆزلىسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

مىللەت ئېتىقاد بوھرانى، ئەخلاقى كىرىزس، ئىقتىسادى تالان-تاراچ، ھازارەت كەمبەغەللىكىگە دۇچ كېلىۋاتقان، مىللى كىملىك ۋە مىللى مائارىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا سوتسىيالىزم ئىدىيسىنىڭ قالدۇقلىرىنى بىلىپ بىلمەي ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ ئىسلامىي مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقاد بىلەن مىللى كىملىكىمىزنىڭ ئارىسىدىكى تۈگەۋاتقان بوشلۇقنى ياكى ھەر ساھەدە جانلىنىۋاتقان بىرلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىش نىيىتى بىلەن مىللەتكە ئۈنگەن شۇمبۇيلار مۇنازىرە مەيدانلىرى ۋە مۇنبەرلەرنىمۇ قولدىن بەرمەستىن ھەركەت قىلماقتا. ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا يېتەكلىسۇن. مەزكۇر كىشىلەر روھى خامۇشلۇقتىن ئويغۇنۇپ دىنى ئېتىقاد، مىللى غۇرۇر، ۋەتەن سۆيگۈسى دېگەنگە ئوخشاش ئىنسانىي تۇيغۇلار بىلەن، ھەر ۋاقىت ئىنساپنى ئۆلچەم قىلىپ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ياشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنى زىيالىيلار ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، شەخسىيەتچىلىك كىرلىرى قاپلاپ كەتكەن مېڭىلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، دېزىنفىكسىيە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ماھىيىتىمىزنى تونۇپ يىتىپ، مىللەتنىڭ نەقەدەر روھانى ئاچارچىلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلىىشىمىز ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى.

بىز ھەرساھەدىكى دىنى زىيالىيلار مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىزمۇ؟، بىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۈرى قايسى؟، نېمە ئۈچۈن ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتتىن قاچىمىز؟، دېگەنگە ئوخشىغان سوئاللاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز لازىم. مىللەت سىزنى تەربىيىلىدى ۋە ئىلىم بەردى، سىزگە ئىگە چىقتى. ئەمدى مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ دىنى ئېتىقاد، مىللى كىملىك يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە بېشىڭىزنى يوپۇرۇۋېلىپ ۋاقتى كەلگەندە خىزمەت قىلىمەن دەپ يىتىۋېلىشىڭىزغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟! سىز تەلىم ئالغان ۋە ئۆگەنگەن شەرىئەت ئىلىملىرىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا ھايات كەچۈرىدىغان قانداق دىنى زىيالىيسىز؟! ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، ھەقنى مىللەتكە يەتكۈزۈش سىزنىڭ بىلىم يولىغا قەدەم قويغاندىكى تۈنجى قەدىمىزدىكى ئەھدىڭىز ئەمەسمىدى؟! مىللەتنى جاھالەت پاتقاقلىرىدىن قۇتقۇزۇپ مەرىپەت بۇلاقلىرىدىن سۇغىرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەندىكى ھېس - تۇيغۇ، ئىرادە ۋە جاسارەتلىرىڭىز قېنى؟!. ئاقارتىش خىزمىتى ۋە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق مىللەتنى زالالەتتىن ھىدايەت يولىغا يېتەكلەش نىيىتىگە كەلگەندىكى ئىمانى ئىستەك، مىللى غۇرۇرىڭىز قېنى؟ !. قىيامەت كۈنى رەببىڭىز: ئى داموللا، ئى قاراجىم، ئى مەخسۇم ئى دىنى زات مۇسۇلمانلارغا نېمە تەلىم بەردىڭ؟ مىللىتىڭگە نېمە ئۆگەتتىڭ؟ مىللىتىڭگە گۈزەل ئەخلاقتا ئۈلگە بولدۇڭمۇ؟ مىللىتىڭ ئىلگىرىكى ئاسى ئۈممەتلەر قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى، سەن ئۇلارنى گۇناھتىن چەكلىدىڭمۇ؟ سەمىمىيەت بىلەن تەۋھىدكە چاقىردىڭمۇ؟ مىللىتىڭ ھەقسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم ۋە جاھالەتكە مەھكۇم بولدى، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەركەت قىلدىڭمۇ؟ مېنىڭ دىنىمنى ئۇستۇن قىلىش يولىدا مىللەتكە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدىڭمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟. ئاللاھ ساقلىسۇن- قىيامەت كۈنى بۇ سوئاللارغا دۇچار بولغان ئۇيغۇر موللىسىنىڭ ئىشى چاتاق!.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، دىنى ۋە مىللى خىزمەت بىكار قالغان ۋاقىتتا ياكى جاھان تىنچىغاندا، نەزىر-چىراق، توي تۈكۈنلەرگە بەخىرامان بارغىلى بولىدىغان پەيتلەردىلا قىلىدىغان خىزمەت بولماستىن بەلكى، جىددى ۋە ئالدىراش، بوران-چاپقۇنلۇق ۋەزىيەتلەردىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ قىلىشقا تېگىشلىك بۈيۈك خىزمەتتۇر . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : «ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە "مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن" دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟.» [سۈرە پۇسسىلەت 33-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئىلمىگە ئەمەل قىلغان ئالىملارنى ماختىغان ۋە روشەن كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ شەنىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، (پەرۋەردىگارىنى ۋە ھەق دىنلىرىنى) بىلىدىغانلار بىلەن (بۇلاردىن ھېچ نەرسىنى) بىلمەيدىغانلار تە ڭ بولامدۇ؟ (ئەلۋەتتە تە ڭ بولمايدۇ.) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرى (ئەقلى ساغلام كىشىلەر) تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئىبرەت ئالىدۇ ۋە پەرقنى بىلىدۇ.» [زۇمەر سۈرىسى 9-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھ ئاراڭلاردىن (سەمىمىي ھالدا) ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.» [مۇجادەلە سۈرىسى 11-ئايەت]. يۇقىرىقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ بىر يەردە زىكىر قىلىنىشىنىمۇ، ئىلىم بىلەن ئەمەلنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغاندۇر.

پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ئۆلىمالارنىڭ پەزلى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىرسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ.» [بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. مانا بۇ ئەھلى-ئىلىملار توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان پەزىلەتلەردىن بىر قىسمى.

ئى قېرىندىشىم! مىللەت سىزگە تەلمۈرۈۋاتىدۇ... مىللەت سىزدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ... مىللەت سىزنى ساغلام ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىپ قويامدىكىن دەپ ئۈمىدلىنىۋاتىدۇ... قېنى قېرىندىشىم! ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز، ھەممىمىز بىرلىكتە مىللىتىمىزنىڭ بىزدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدىنى ئاقلاش ئارقىلىق ئاللاھ ئۈستىمىزگە يۈكلىگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلايلى. ئەگەردە بىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈمىز دەپ داۋا قىلىدىكەنمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرساھە مېدىيا ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ مىللىتىمىزنىڭ دىنى بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە ئال-ئىمران 31-ئايەت] .

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى دىنى ئېتىقادىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، مىللىتىمىزنىڭ دىنى خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلسۇن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىز ۋە كۆزقاراش خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن. ئى رەببىم ساڭا يالۋۇرىمىز، سەندىنلا ياردەم سورايمىز. بارلىق ئىشلىرىمىزنى ساڭا تاپشۇرىمىز. قەلبلىرىمىزنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن. دەۋەت ساھەسىدىكى بارلىق ئۇستازلار ۋە دىنى زىيالىلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ بەرگىن. مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ قەلىبلىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىس روھى بىلەن زىننەتلەپ، سېنىڭ ۋە رەسۇلۇڭنىڭ ئەمرىگە ھەرۋاقىت لەببەي دەيدىغان ئىمان ۋە ۋىجدان ئاتا قىلغىن. ئامىن...


الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت Empty
مُساهمةموضوع: رد: ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت   ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 2:03 pm

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
ئۇيغۇرۇمغا نەسىھەت
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» ياشلارغا 75 نەسىھەت
» ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت
» يىللىق ئىمتىھاندىن كېيىنكى نەسىھەت
» روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تىببىيدىن 20 نەسىھەت ...

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: