منتدى القفطان المغربي
نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Empty
مُساهمةموضوع: نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى   نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 8:17 am



نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى



2009-يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "مۇسۇلمان قېرىندىشىغا نەسىھەت قىلىش ھەقىقىي بۇرادەرلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

دىنى قېرىندىشىڭىزغا نەسىھەت قىلىشىڭىز ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. قېرىندىشىڭىزغا نەسىھەت قىلىشىڭىز، ئۇنىڭمۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى بولسا مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ بەلگىلىرىدىندۇر. نەسىھەت قىلىش ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ بەلگىسىدۇر. "نەسىھەت" سۆزى كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ غايىسى، باشقىلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىش، توغرا يولغا يېتەكلەش، خاتالىقلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، سۆز، ئىش - ھەرىكەتلەردە كۆرۈلگەن ساپاسىزلىققا خاتىمە بېرىش دېمەكتۇر.

مۇھەممەد بىن نەسىر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نەسىھەت توغرىلىق سۆزلەپ: "نەسىھەت، قەلبىدە مەنىۋىي كېسەللىك بار كىشىنىڭ كېسىلىنى داۋالىغانلىق بولىدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىننى نەسىھەتكە يىغىنچاقلىغان. ھەمدە بۇ سۆزنى 3 قېتىم تەكرارلىغان دەيدۇ".

ئەبى تەمىم ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دىن نەسىھەتتۇر دېگەنىدى، ساھابىلار: كىمگە نەسىھەت، ئى رەسۇلۇللاھ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا، رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ۋە بارچە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا نەسىھەتتۇر دېدى.» [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

نەسىھەتتىن ھېچقانداق ئىنسان بىھاجەت بولالمايدۇ. ئالىم بولسۇن، ھاكىم بولسۇن، باي-كەمبەغەل، ئەر-ئايال، يېقىن-يىراق ھەممە كىشى نەسىھەتكە مۇھتاج. ھېچكىم يۈزىدىكى قارىنى كۆرەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەككە مۇھتاج. نەسىھەت بولسا ئەينەكتىن ئىبارەتتۇر. نەسىھەت قىلىش ۋە نەسىھەتنى قۇبۇل قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق ھوقۇقلاردىن بىرىدۇر. مەشھۇر ساھابە ئەبى دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "خالىساڭلار بىز سىلەرگە نەسىھەت قىلىمىز. ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بەندىلەر ، بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا يېتەكلەيدىغان ئىنسانلاردۇر.

مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئەيبىنى يۆگەيدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشىدۇ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئېغىرلىقىنى كۆتۈرىدۇ. ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ، يوقلىقىنى چاندۇرمايدۇ، نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلسا بارىدۇ، ھەدىيە بەرسە قۇبۇل قىلىدۇ، ھاجىتى چۈشسە ياردەمدە بولىدۇ، بىر نەرسە سورىسا رەت قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىنى تېپىۋالسا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، مۇسۇلماننى كافىر تەلەپ قىلسا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ، كۆڭلىنى چەگمەيدۇ، خارلىمايدۇ، ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغا ياخشى كۆرىدۇ، خۇشاللىقىدىن خۇشال بولىدۇ، قايغۇسىغا قايغۇرىدۇ. شەخسى مەنپەئەتنى ياكى كاپىرلار ئارىسىدىكى يۈز ئابرۇيىنى كۆزلەپ ئۆز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ۋە مىللىتىنى سېتىپ يېمەيدۇ.

مۇسۇلمان داۋاملىق مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ئۈلپەتلىشىدۇ، نېمەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، چىدىماسلىق قىلمايدۇ، بېشىغا كۈن چۈشسە قاراپ تۇرمايدۇ. مىللىتىنى كاپىر مىللەتنىڭ بوزەك قىلىشى ياكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشىغا يول قويمايدۇ.

ئەھلى-ئىلىملار نەسىھەت بابىدا رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە تۈرلۈك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نەسىھەتنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى ئىخلاس ۋە سەمىمىلىكتۇر. نەسىھەت قىلىنغۇچىدىن ئەكسى پوزىتسىيە يۈزبېرىپ قوپال مۇئامىلە كۆرگەن تەقدىردە سەبرى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما نەسىھەت مەخپى ھەمدە يالغۇز ھالدا بولىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلىش بولسا، كۆرۈنۈشكە نەسىھەت بولسىمۇ ماھىيەتتە ئەيبىنى ئىچىش ھېسابلىنىدۇ.

ئىمامى شافىئىي مۇنداق دېگەن: سىز دوستىڭىزغا نەسىھەت قىلسىڭىز يالغۇز ھالىتىدە قىلسىڭىز نەسىھەت بولىدۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئالدىدا نەسىھەت قىلسىڭىز ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلغان بولىسىز. مۆمىن قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى يۆگەيدۇ، نەسىھەت قىلىدۇ. مۇناپىق ئازار بېرىدۇ، رەسۋا قىلىدۇ.

بىر-بىرىگە نەسىھەت قىلىشمىغان مىللەتتە ياخشىلىق يوق. نەسىھەت قوبۇل قىلمايدىغان مىللەتتىمۇ ياخشىلىق يوق. ساغلام نەسىھەت شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىدا ئۈلگىلىك رول ئويناپلا قالماستىن، مىللەتتە قېرىنداشلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچ ۋە ئىتتىپاقلىقتىن ئىبارەت ھەرقانداق مۇسۇلمان جەمئىيىتى سۈپەتلىنىشكە تېگىشلىك بولغان، يۇتتۇرۇپ قويغان مەزكۇر ئەڭگۈشتەرنى قايتۇرۇپ ئىلىش يولىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

دۆلەت مەسئۇللىرى، مىللەت ۋەكىللىرى، ئاممىۋى خەلق ۋە ھەرساھەدىكى زىيالىلار، دىنىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى.

كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ھەربىر شەخسنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى ۋە ئادا قىلىشى مەزكۇر شەخسنىڭ دىنى ۋە مىللى، ۋەتەن سۆيگۈسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Empty
مُساهمةموضوع: رد: نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى   نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 2:10 pm

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Empty
مُساهمةموضوع: رد: نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى   نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 3:12 pm

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى، رولى ۋە ئەدەبلىرى
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى
» كفتة رولى في الفران
» تەقۋادارلىقنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى
» ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: