منتدى القفطان المغربي
ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Empty
مُساهمةموضوع: ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا   ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 8:22 am

ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا







گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا، ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشلەرگە بولسۇن!

ئى ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! ئى قەلبىدە ئىسلام (يوشۇرۇنغان)ئورۇنلاشقان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ئىففەتنى، پاكلىقنى ئەقىلنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقان، ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئسىلام قىزى قېرىندىشىم. سىز مۇسلىمە، سىز مۆمىنە، سىز ئسىلام قىزىسىز! سىز پاكسىز ئىففەتلىكسىز! سىزگە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھسسالامنىڭ: «ئاياللارغا ياخشى ۋەسىيەت(نەسىھەت) قىلىڭلار» دېگەن سۆزى بىلەن نەسىھەت قىلىۋاتىمەن. سىز ئەرلەر ھاياتىدا بىر نىسبەتنى ئىگەللىگەن ئىنسانسىز! گاھىدا ئەرلەر ئۈچۈن قېرىنداشسىز ياكى ئەرلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ھەمراھىسىز، ياكى ئۇنىڭ قىزىسىز! سىز شۇنچە قەدىرلىكسىز!

ئى پاك ئۇيغۇر قىزى، مىنىڭ سۇئال سورشىمغا رۇخسەت بىرىڭ! ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىزنى سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز توسقان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ھالىتىڭىزدە كۆرسە، رازىمۇ سىز؟ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى پۇركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى) ئەڭ ئاسان تونۇلىدۇ دە باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر » دېمىدىمۇ ؟. سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«قانداق بىر ئايال خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالدا سىرىتقا چىقسا، كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال زىناخوردۇر» دېمىدىممۇ؟. ئائىلىدە ئېرىڭىز ئۈچۈن پەرەنتلىرىڭىز ۋە ئاكا-ئۇكا، ئاياللار ئارىسىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇ يەردە زىكىر قىلىپ ئۆتۈشكە لايىق بولغان مۇھىم نۇقتا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە قىز-خانىملار توي-توركۇن چايلارغا بارسا، ئەڭ گۈزەل كېيىملىرىنى كېيىپ ئالاھىدە گىرىملارنى قىلىپ ئەر-ئايال بىرگە ئولتۇرىدىغان چاي-ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى چىقىرىۋېتىپ كېلىدۇ، ئەمما بىچارە ئەرچۇ، ئايالىنى ماي ۋە تەر پۇرايدىغان ۋە ياكى سۈت پۇرايدىغان كىيىملەر بىلەن كۆرىدۇ. ئى سىڭىلچىقىم! بەلكىم سىز ئۇنداق بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنداقلارمۇ ئاز ساننى ئىگەللىمەيدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن چىرايلىق كېيىملىرىڭىز، گۈزەل پەدازلىرىڭىز، خۇشپۇراق ھىدلىرىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنى كۈتۈپ ئالمايسىز؟! شۇنداق قىلىپ بېقىڭچۇ قېنى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرىسىز. ھۆسن-جامالىڭىز، گۈزەل تۇرقىڭىزدىن زوقلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان سىزنىڭ تۇرمۇش يولدىشىڭىز يۇرەك پارىڭىز بولغان باللىرىڭىزنىڭ دادىسىدۇر. سىز باشقىلارغا پۈتۈن گۈزەللىكىڭىزنى كۆرسىتىپ ياسىنىپ يۈرىسىز، مېنىڭچە بۇ، دىن ۋە ئەخلاق، مىللى ئۆرپ-ئادىتىمىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئۇقۇم، گەرچە ھازىر نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بىلەن. ئاللاھنى تونۇماسلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ كېم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، مەيدانسىزلىق، ئۆزىمىزنىڭ كېم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇش..... قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بەلكىم ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە ئۆزىمۇ رازى بولمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قىلىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھدىن ئۇلارغا ئىپپەت ۋە ھايا، بۈيۈك ئىمان تىلەيمىز. ئى سىڭىلچىقىم !ئەمدى قاراپ بېقىڭچۇ سىز قانداق قىلغاندا ئىپپەتلىك ئىسلام ئۇيغۇر قىزى دېگەن سۈپەتكە لايىق بولىدىكەنسىز!

بۇ پاك ئىپپەتلىك دېگەن سۈپەت قانداق قىزلارغا لايىق سۈپەت؟ يۇز باشلىرىنى ئورىماستىن سىرتلارغا چىققاندا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ھۆسۈنلىرىنى تۈزەپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل جامالىنى يات ئەركەكلەرگە كۆرسىتىپ يۈرگەن قىز-خانىملارغىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇزۇن، ئەمما تار كۆڭلەكلەرنى كېيىپ گۈزەل بەدەنلىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلغانلارغىمۇ؟ ياكى كالتا ئۇچۇق يوپكىلارنى كېيىپ، كىشىلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلارغىمۇ؟ ياكى ئۆزىچە مەدەنىلەشتۇق دەپ، غەربچە كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن مىللى ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشقان ھالدا، بىر كۆن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنە بىركۈن قارىسىڭىز؛ دىن، ھەزارەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل.....قاتارلىقلارنى مىڭ يىل باغلاپ قويسىڭىزمۇ بىر يەرگە كەلمەيدىغانلارنىڭ يۇرۇش تۇرۇشىنى دوراپ يۇرگەنلەرگىمۇ؟ قىنى دەپ بېقىڭچۇ سىزنىڭچە مۇشۇلارنىڭ قايسىسى ئىپپەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى دەپ ئېيتالايسىز؟!

ياق ياق مىڭلارچە ياقكى بۇلارنىڭ ھىچ بىرى ئىپپەتلىك ئاياللار دېگەن سۈپەتكە لايىق ئەمەس. ئى ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! بىلىڭكى ئاللاھ سىزنى ھەر-ۋاقىت ھەر ماكاندا كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

ئى ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! شەيتاننىڭ يوللىرىدىن بىر يولدا مىڭىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە كۇففارلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە مىڭىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟

ئەزىز ئۇيغۇر ئسىلام قىزى سىڭىلچىقىم! رەھمان تائالانىڭ غەزىپىگە ، دوزاخقا كىرىشىڭىزگە ۋە دىنىڭىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشلاردا بولىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز ؟

ئى ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! قەبرە بولسا جەننەت بوستانلىرىدىن باغچا، ياكى دوزاخ ئۆڭكۈرلىرىدىن بىر ھاڭدۇر، سىز قەبرىڭىزنىڭ قايسىدىن بولۇشىنى خالايسىز؟ رەھمان تائالانىڭ جەننىتگە نائىل بولىشىڭىزغا؛ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭىز توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

بۇگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان ھەم سەل قارىلىۋاتقان گۇناھ -مەسىيەتلەرنىڭ تۇپ نېگىزى بولسا شەرئى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويۇنچە كىيىنمەسلىك،

سىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەككى، سىز ئىسلامغا مەنسۇپ!سىز ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ!سىز ئىسلامنىڭ ئىززىتى! مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ پەخرى!

الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Empty
مُساهمةموضوع: رد: ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا   ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Emptyالسبت سبتمبر 22, 2012 12:58 am

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Empty
مُساهمةموضوع: رد: ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا   ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا Emptyالأحد سبتمبر 23, 2012 6:16 am

بارك الله فيك لمرورك العطر
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: