منتدى القفطان المغربي
قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Empty
مُساهمةموضوع: قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى   قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 9:32 am



قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى



سۇئال نومۇرى: 49004

ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدە ئىسلام كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز ؟ بۇ تىما توغىرسىدا مەن نىمىگە ئىشىنىشىم لازىم؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن

بىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇزۇن سۆزلىمەيمىز . بىراق بۇ ماۋزۇنى چۈشىنىشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن ، بۇ تىمىنىڭ ئومۇمى بايانى بىلەن باشلايمىز . ئاندىن مۇمكىنقەدەر كۆپ چۈشەنچە بىرىمىز . بۇ ئارقىلىق ئاللاھتىن بىزگە مەنپەئەت بىرىشىنى ، تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز:

بىلگىنكى ، ئىلاھى خاھىش ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى _ بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يۈز بىرىدۇ دەپ جەزمەن ئىشىنىش .

تەقدىر( ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش ) ھەققىدە ئىشىنىش : ئۇ بولسا ئىيماننىڭ ئالتىنچى ئاساسى، ھەمدە ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ . سەھىھ مۇسلىمدا(8) ئىبنۇ ئۆمەردىن نەقىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ : ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : " ئەگەر مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ، مەن ئۇلارغا : مىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدالىقىمنى ، ئۇلارنىڭ مىنىڭدىن ئادا-جۇدالىقىنى دەيمەن . ئابدۇللاھ بىن ئۇمەر قەسەم قىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇھۇد تېغىغا تەڭ كىلىدىغان ئالتۇنى بولسا ۋە ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا ، ئۇ تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرگەنگە قەدەر ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ . " دىدى .

ۋە يەنە شۇنى بىلىشىڭز كىرەككى ، سىز تەقدىرنىڭ توۋەندىكى مۇھىم نوقتىلىرىغا ئىشەنمىگۈچە ، سىزنىڭ تەقدىرگە بولغان ئىمانىڭىز كامىل بولمايدۇ ، ھەمدە ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

-1 ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈ ئومۇميۈزلۈك ، تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىغا ، شۇڭا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى بىر زەررە مىقدارى نەرسىمۇ ئۇنىڭغا نامەلۇم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش .

-2ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش .

-3 ئاللاھنىڭ خاھىشىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ، ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكى ، شۇڭا كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە ياخشى ياكى ئەسكى بولسۇن ئۇنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .

-4 بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ، شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى . » ئەنئام سۈرىسى 102 -ئايەت.

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ توغرا بولۇشى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئەركىنلىكى بار بولۇپ ، ئۇ ئارقىلىق ئىش-ھەركەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن توغرا مىڭىشنى خالايدىغانلارغىلا » تەكۋىير سۈرىسى28-ئايەت. « ئاللاھ بىرسىگە ئۇنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى يۈكلىمەيدۇ .» بەقەرە سۈرىسى 286-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ، ھەمدە ئۇ بولسا بەندىگە ئۇنى بەرگەن ، ۋە ئۇنى ( ئاق-قارىنى) پەرىقلەندۈرۈشكە قادىر قىلغان ۋە ئىختىيارلىقنى بەرگەن زات . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « ھەمدە سىلەر دۇنيالار ( ئاللاھتىن باشقا ، ئىنسانلار دۇنياسى ، جىنلار دۇنياسى ۋە باشقا دۇنيالار) نىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىسا خالىيالمايسىلەر» تەكۋىيرسۈرىسى- 29ئايەت.

- تەقدىرنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى سىرى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئايان بولغانلىرىنى بىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزگە يۇشۇرۇن بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزنىڭ چەكلىك ئەقلىمىز ۋە ئاجىز چۈشىنىشىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ ھەركەتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى توغىرسىدا مۇنازىرلەشمەيمىز . بەلكى ئاللاھنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە يۈكسەك ھېكمەتلىك زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ . ئۇ پاك ، مەدھىيە ئۇنىڭغا بولسۇن .

بۇ بولسا توغرا يوللۇق پىشقەدەملەر( سەلەفلەر) نىڭ بۇ مۇھىم تىما ھەققىدىكى ئىتىقادىنىڭ خۇلاسىسى . بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىمىز . ھەمدە ئاللاھتىن توغرىسىنى دىيىشكە مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز :

بىرىنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر( قەدەر) نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى :

قازا نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى : نەرسىنى پۇختىلاش ، ئىشنى تاماملاش . قەدەرنىڭ بولسا : باھالاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش .

ئىككىنچى : ئۇلارنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى :

تەقدىر بولسا : ئاللاھنىڭ شەيئىلەرنى ئەزەلدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ۋە ئاللاھ خالىغان ۋە پۈتكەن مەخسۇس سۈپەتلەردە يۈز بىرىدىغانلىقى، ھەمدە ئۇ شەيئىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە يارىتىلىشى بويىچە يۈز بىرىدىغانلىقى .

ئۈچۈنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) بىلەن تەقدىر ئوتتۇرسىدا پەرىق بارمۇ ؟

بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار قازا بىلەن تەقدىرنى پەرقلەندۇرىدۇ . بىراق ئەڭ توغرا قاراش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەنە جەھەتتىن پەرق يوق . ھەمدە ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كىتاب ۋە سۈننەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرستىدىغان ئىنىق دەلىل يوق . ئالىملار بىرسىنىڭ يەنە بىرسىنىڭ ئورنىدا قوللۇنىلىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، ئىماننىڭ بۇ ئاساسىغا ئىشىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىس تېكىستلىرىدە قەدەر( تەقدىر) سۆزى ئەڭ كۆپ كىلىدۇ . ئاللاھ ياخشى بىلگىچىدۇر.

تۆتىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى :

تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولۇپ ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزدىن ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىمان ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دىگەن : « ئۇ بولسا ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، ئەلچىلىرىگە ، كىتاپلىرىغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۇرۇش دەپ جاۋاپ بەرگەن » مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

تەقدىر قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: « بىز ھەقىقەتەن ھەممە شەيئىنى قەدەر

( بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى تەقدىر كىتابى لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھى ئالدىن بەلگىلەش ) بىلەن ياراتتۇق . » قەمەر سۈرىسى 49-ئايەت.

« ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بەلگىلىنىپ بولغان قەدەر( تەقدىر) بولدى .» ئەھزاب سۈرىسى 38-ئايەت.

بەشىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەرتىبىلىرى :

بىلىڭكى ، ئاللاھ سىزنى ئۇنىڭ رازىلىقىغا نىسىپ قىلسۇن . تەقدىرگە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت پىرىنسىپقا ئىشەنمىگۈچە تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش كامىل بولمايدۇ :

ئا- بىلىش : يەنى ئاللاھنىڭ بىلىمى بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئاسمانلاردىكى ۋە ياكى زىمىندىكى بىرەر تال زەررىمۇ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش . ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن بىلەتتى ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈلۈك بىلىمى بىلەن بىلەتتى . بۇنى كۆرسىتىدىغان دەلىلەر كۆپ ، ئۇلاردىن : « ئۇ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق ئاللاھ ئۇ كۆرۈنمەس ۋە كۆرۈنىدىغاننى بىلگۈچى .» ھەشىر سۈرىسى 22-ئايەت .

يەنە بىر ئايەتتە:« ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز قۇدرەت ئىلمى بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ .» تالاق سۈرىسى 12-ئايەت .

ب-پۈتۈش: يەنى ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارىنى لەۋھۇل مەھفۇزغا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش . بۇنىڭ دەلىلى : « بىلمەمسەنكى ، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىنى بىلىدۇ . ھەقىقەتەن ئۇلار كىتاپتا بار ، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھقا ئاسان ». ھەج سۈرىسى 16-ئايەت.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) « ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارلىرىنى ئاسمانلار ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتكەن .»

مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2653

ج- ئىرادە قىلىش ۋە خالاش : يەنى بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش . شۇڭا ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ ، ئۇ خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ ، ھەمدە ھىچ نەرسە ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ دەلىلى : « مەن ئەتە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلماقچى دەپ ھەرگىز بىرنىمە دىمە ! پەقەت " ئاللاھ خالىسا " نى ( قوشۇپ دىگىن) » [ كەھىف سۈرىسى 23-24-ئايەتلەر. يەنە بىر ئايەتتە:

« سىلەر دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىغۇچە خالىيالمايسىلەر .» تەكۋىر سۈرىسى 29-ئايەت :

د _ يارىتىش : يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ، ھەمدە ئۇ بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شۇڭا بۇ كائىناتتا قانداق نەرسە يۈز بەرمىسۇن ، پەقەت ئۇ ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن : « ئاللاھ بولسا بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى .» زۇمەر سۈرىسى 62-ئايەت.

يەنە بىر ئايەتتە: «ھەمدە ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەر قىلىۋاتقان نىمىنى ياراتتى .» ساففات سۈرىسى 96- ئايەت .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)

« ھەقىقەتەن ھەر بىر ياسىغۇچى ئاللاھ ياسىغىنىنى ياسايدۇ . »

بۇ ھەدىس بۇخارىي بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ يارىتىلىشى بابىدا( 25) ، ھەمدە ئىبنۇ ئەبۇ ئاسىم « سۈننەت» تە(257، 358) چىقارغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھەدە ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 1637

پېشىۋا ئىبنۇ سەئدىي مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ، يەنى ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بولغىنىدەك ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرىدىن ئىبارەت ئۇلار مۇشۇلار ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان نىمىلەرنمۇ ياراتقۇچى ؛ ئاندىن ئۇلار بولسا بويسۇنۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەر خىل ئىش-ھەركەتلەرنى ئاللاھ ياراتقان ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرى بىلەن قىلىدۇ .

دۇررەتۇل بەھىييە شەرھى قەسىيدەتۇل تائىييە، 18-ب

تەقدىر مەسىلىلىرى توغىرسىدا ئەقىلگە تايىنىپ بەس-مۇنازىرە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش :

تەقدىرگە ئىشىنىش بولسا بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا توغرا يۇسۇندا ئىشىنىش دائىرسىدە بىر ھەقىقى سىناق بولۇپ ، ئۇ ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ بىلىمدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ، مۇكەممەل سۈپەتلىرىگە قەتئىي راست ئىشىنىدىغانلىقىنى كۈچلۈك سىناش . چۈنكى ئۇ چەكلىك ئەقلىنى ئۇنى چۈشىنىشكە قويۇۋەتكەن كىملەرگە نۇرغۇن سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ . تەقدىر مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بولدى ھەمدە كىشىلەر بەس-مۇنازىرىگە ، ۋە ئۇنى تلغا ئالغان قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتا چۈشەندۈرۈشكە چۈشۈپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ھەر بىر دەۋىردىكى دۈشمەنلىرى تەقدىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شەك-شۈبھىلەرنى ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە قايمۇقۇش ۋ ە شەكلىنىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرى بىلەن تونۇيدىغان ، كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان كىشىدىن باشقا ھىچكىمدە توغرا ئىمان ۋە قەتئىي ئىشىنىشنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى . شۇڭا ئاشۇنداق بولغاندىلا ھىچقانداق شۈبھىلەر ۋە شەكلەر ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىشكە يول تاپالمايدۇ ، مانا بۇ شۈبھىسىزكى تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىماننىڭ باشقا تۈۋرۈكلىرىگە قارىغاندا تىخىمۇ مۇھىملىقىغا ئەڭ چوڭ دەلىل . ھەمدە ئىنسان يالغۇز ئەقلى بىلەنلا تەقدىرنى چۈشىنەلمەيدۇ ، چۈنكى تەقدىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغىرسىدىكى سىرلىرىنىڭ بىرى . شۇڭا ئاللاھ كىتابىدا ياكى ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تىلى بىلەن بىزگە بىلدۇرگىنىنى بىلىمىز ، ئۇنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز . ھەمدە پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بىلدۇرمىگەنلىرىگە ئىشىنىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە ۋايىغا يەتكەن ھېكمىتىگە ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ پاك ئاللاھ قىلغىنىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، بەلكى مەخلۇقاتلار سوئال-سوراق قىلىنىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ ، ئاللاھ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئائىلىسىنى ، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ( ساھابىلەرنى ) تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .

ئەئلام سۈننەتۇل مەنشۇرە 147 ، شەيخ. ئابدۇررەھمان مەھمۇدنىڭ ، ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى ئاستىدا ، پېشىۋا مۇھەممەد ھەمەدنىڭ، ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش ناملىق كىتاپلىرىدىن پايدىلاندى.
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Empty
مُساهمةموضوع: رد: قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى   قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 10:12 am

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Empty
مُساهمةموضوع: رد: قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى   قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 2:03 pm

بارك الله فيك لمرورك العطر
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
قازا ۋە قەدەر ھەققىدە ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئىتىقادى
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
»  ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە پرىنسىپلىرى
» روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە
» روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار
» ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ نەزەرىدە ئىمان كەم - زىيادە بولامدۇ

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: