moon_light3 نائبة المديرة
sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
الجنس : عدد المساهمات : 31908 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : القفطان المغربي العمل/الترفيه : طالبه المزاج : هادئه جدا
| موضوع: ئەر-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى الجمعة سبتمبر 21, 2012 9:04 am | |
| -نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مۇسۇلمان ئەر-خوتۇنلارنىڭ يول ماڭغاندا، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشى شەرىئەتتە دۇرۇسمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
جاۋاب:
مۇسۇلمان ئەر-ئايال بىرگە سىرتقا چىققىنىدا، ئەدەپ بىلەن يەنى شەرمى-ھايانى ئۇنتۇمىغان ھالدا مېڭىشلىرى زۆرۈردۇر. شۇنىڭدەك دىنى ئالىملار ۋە ئىلىم-ئەھلىلىرى ئۈچۈن ناھايتى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر. چۈنكى خەلق بۇ كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ چوڭ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت-ئېھتىرام نەزىرىدە قارايدۇ.
ماھىيەتتە نىكاھلانغان ئەر-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشى دۇرۇس بولۇپلا قالماستىن بەلكى بەزى ئورۇنلاردا ئەر ئايال بىر-بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ مېڭىشى زۆرۈر بولىدۇ.
ئەگەردە قول تۇتۇشۇپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىش ھەرقانداق مىللەت ئىچىدىكى پاسىق ياكى كاپىرلارنىڭلا ئادىتىگە ئايلانغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان ئەر-خوتۇنلارنىڭ خالايىق ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش قولتۇقلىشىپ يۇرۇشى جايىز ئەمەس. ئەگەردە ئەر ئايالىغا ياردەم بېرىش ياكى قولىنى تۇتۇپ ماڭمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەر-خوتۇننىڭ قول تۇتۇشۇپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشى پاسىق ياكى كاپىرلار، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىدىن پەرقلىق ھالدا جايىز بولىدۇ.
ئۆزى مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان ئەمما ھاياسىزلارچە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ياكى قولتۇقلىشىپ يۇرۇشى زىنا دائىرىسىگە كىرىدۇ. (يەنى بۇ سۆزدىن قول تۇتۇشماي مۇھەببەتلەشسە بولىدۇ دېگەنلىك چىقمايدۇ. بىز ئىلگىرى بۇ ھەقتە بېكىتىمىزدە پەتىۋا ۋە ماقالىلارنى ئىلان قىلغان بولغاچقا، بۇ مەسىلە ئۇستىدە قايتا توختۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدۇق-مۇھەررىر-).
مۇسۇلمان ھەرۋاقىت ئىسلامىي ئەخلاق ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، شەرىئەتتە توسۇلغان ھەرقانداق ئىشلاردىن چەكلىنىشى، مۇباھ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى بولسا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.
| |
|
روعة المنتدى نائبة المديرة
sms : الجنس : عدد المساهمات : 35966 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : بين من اختارهم قلبي العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه المزاج : هادئة جدا.
| موضوع: رد: ئەر-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى السبت سبتمبر 22, 2012 12:50 am | |
| [وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة] | |
|
moon_light3 نائبة المديرة
sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
الجنس : عدد المساهمات : 31908 تاريخ التسجيل : 10/06/2011 الموقع : القفطان المغربي العمل/الترفيه : طالبه المزاج : هادئه جدا
| موضوع: رد: ئەر-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى الأحد سبتمبر 23, 2012 6:14 am | |
| بارك الله فيك لمرورك العطر | |
|