منتدى القفطان المغربي
كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Ezlb9t10
منتدى القفطان المغربي
هل تريد التفاعل مع هذه المساهمة؟ كل ما عليك هو إنشاء حساب جديد ببضع خطوات أو تسجيل الدخول للمتابعة.

منتدى القفطان المغربي

اهلا وسهلا بكـٍ يا فى
https://caftandumaroc.forummaroc.net اخر زياره لكـ كانت فى

 
الرئيسيةالبوابةأحدث الصورالتسجيلدخول

 

 كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى

اذهب الى الأسفل 
2 مشترك
كاتب الموضوعرسالة
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Empty
مُساهمةموضوع: كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى   كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 9:25 am

947-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلسە؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

كاپىرلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ياكى ئاتالمىش دىنى بايرام مۇراسىملىرىنى تەبرىكلەش، چاغان بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام دەپ قارىلىدۇ. بۇ سۆزنى ئىبنى قەييۇم «ئامانلىق بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ھۆكمى» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنى ئىبادەت شوئارلىرى ۋە بايراملىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ تەبرىكلىشى ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام دەپ قارىلىدۇ، مەسىلەن: ھېيتىڭىزغا ياكى بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر، گەرچە بۇ سۆزنى ئېيتقۇچى كاپىر بولمىسىمۇ لېكىن چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان بولىدۇ. گوياكى ئۇ كىشى ئاللاھنى نەزىرىدە كرېسىت بەلگىسىگە سەجدە قىلىدىغان خىرستىئاننى ھۆرمەت قىلغانغا ياكى ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغانغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق گۇناھنى ئىشلىگەن بولىدۇ. بۇنىڭ جىنايىتى ھاراق ئىچكەن، ئادەم ئۆلتۈرگەن، زىنا قىلغان ۋە باشقا گۇناھ قىلغان كىشىلەرنى مۇبارەكلىگەندىنمۇ كاتتا بولىدۇ. بۇ ئىشلار كۆپىنچە دىنى بىلىملەردىن خەۋىرى بولمىغان كىشىلەردە كۆپرەك يۈزبېرىدۇ. ئۆزىنىڭ ناچار ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ، كىمىكى گۇناھكار ياكى بىدئەتچى ياكى كاپىرلارنىڭ ئالاھىدە قارىلىدىغان كۈنلىرىنى مۇبارەكلەيدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ.

ئىبنى قەييۇم ئېيتقاندەك كىمىكى كاپىرلارنىڭ دىنى مۇراسىم، بايراملىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدىكەن، ئۇ كىشى كاپىرلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغان بولىدۇ، گەرچە ئۆز كۆڭلىدە كاپىر بولۇشقا رازى بولمىسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرۇپ ياكى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ مۇبارەكلەش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا رازى بولمايدۇ ھەم ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولىشىغا رازى بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر شۈكرى قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ». يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم». ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا قاتناشسۇن ياكى قاتناشمىسۇن ئۇنى تەبرىكلەش ئوخشاشلا ھارامدۇر.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېيت-بايراملىرىدا بىزنى مۇبارەكلىسە بىز ئۇلارغا جاۋاپ بەرمەيمىز، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەس ھەم ئۇ ئاللاھ رازى بولىدىغان بايراممۇ ئەمەس، بۇ ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلاردىن ياكى بۇرۇن بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئالەمگە پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئىسلام دىنى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئىسلام دىنىدىن غەيرى دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ يەنى ئۇنىڭ دىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارىتقۇچىدۇر». مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، ھەمكارلىشىش، خوشاللىق كۈنلىرىدە خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سورۇنىغا ھازىر بولۇش گۇناھ جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەندىنمۇ چوڭ بولىدۇ.

مۇشۇنداق بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن كاپىرلارنى دوراپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر-خىل مۇراسىملارنى قىلىشىمۇ، ياكى ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىش، تاتلىق تۈرۈملەرنى ۋە ھەرخىل تاماقلارنى تارقىتىش قاتارلىقلار دىنىمىزدا چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمىكى باشقا بىر مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇ مىللەتتىن ھېسابلىنىدۇ». ( يەنى قىيامەت كۈنى شۇ قەۋم بىلەن بىرگە تۇرغۇزىلىدۇ)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئۆزىنىڭ «توغرا يولدىكىلەرگە ئەگىشىش، جەھەننەمگە يول ئالغانلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: بەزى ھېيت-بايراملارنى كاپىرلارنىڭ مۇراسىملىرىغا ئوخشىتىپ قىلىش ئۇلارنىڭ(يەنى كاپىرلارنىڭ)كۆڭلىدە خۇرسەنلىك پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاجىز مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلىش تاماسىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ دەپ بايان قىلىدۇ.

كىمىكى بۇ ئىشلارنى ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇش ياكى خىزمەتداش بولغانلىقتىن خىجىل بولۇپ ياكى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئويلاپ قىلىدىكەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياغلىمىچىلىق قىلغانلىق، كاپىرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىنىڭ باتىل دىنى بىلەن پەخىرلىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ.

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى دىن بىلەن ئەزىز قىلىشقا ئۆزى ئىگە بولسۇن، ئۇلارنى دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلسۇن!.

ھەقىقەتەن ئاللاھ كۈچلۈك ۋە غالىبتۇر.

الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
روعة المنتدى
نائبة المديرة
نائبة المديرة
روعة المنتدى


sms sms :

اللهم اجعل حضوري في قلوب الناس
كـ المطر يبعث الربيع ويسقي العطشى

الجنس : انثى
العذراء
عدد المساهمات : 35966
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : بين من اختارهم قلبي
العمل/الترفيه : مشرفه سابقا قسم الحمل والولاده والاستشارات الطبيه
المزاج : هادئة جدا.

كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Empty
مُساهمةموضوع: رد: كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى   كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 10:36 am

[وحدهم المديرون لديهم صلاحيات معاينة هذه الصورة]
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
moon_light3
نائبة المديرة
نائبة المديرة
moon_light3


sms sms : رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْداً وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ


الجنس : انثى
الاسد
عدد المساهمات : 31908
تاريخ التسجيل : 10/06/2011
الموقع : القفطان المغربي
العمل/الترفيه : طالبه
المزاج : هادئه جدا

كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Empty
مُساهمةموضوع: رد: كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى   كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى Emptyالجمعة سبتمبر 21, 2012 1:38 pm

بارك الله فيك لمرورك العطر
الرجوع الى أعلى الصفحة اذهب الى الأسفل
 
كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى
الرجوع الى أعلى الصفحة 
صفحة 1 من اصل 1
 مواضيع مماثلة
-
» تورەلمىنىڭ جىنسىنى بىلىشنىڭ ھۆكمى
» قىز-يىگىت ساۋاقداشلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى
»  ئەر-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشىنىڭ ھۆكمى
» ئايالى قىزتۇغسا نارازى بولۇشنىڭ ھۆكمى
» قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى.

صلاحيات هذا المنتدى:لاتستطيع الرد على المواضيع في هذا المنتدى
منتدى القفطان المغربي :: القســــم الاسلامي :: قسم الرسول صلى الله عليه وسلم :: قسم الدعوه إلى الله بكل لغات العالم-
انتقل الى: